جۇدادۇرمەن قەدىر-قىممەتتىن(ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ)
(بۇ ئاددىي شېئىرىمنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئانا تىلىمىزنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن) ئېغىزىمدا ئوتتۇز ئىككى چىش، تۇرار دائىم رەت-رەت تىزىلىپ. بۇ تىلىمنى ئوينىتار ھەريان، ئوتتۇز ئىككى سۆيۈملۈك ھەرپ.
ئوغلۇمنىڭ چىشلىرى كوماك، يەتمەس سانى ئوتتۇز ئىككىگە. سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا راۋان، يەتتىم بۇنىڭ تېگى-تەكتىگە.
چىشىم سۇنسا بولىدۇ سالسام، سەدەپ ياكى ئالتۇن –كۆمۈشتىن.
|